خىتاي: ئېمبارگولار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ

خىتاي رۇسىيەگە قارىتىلغان جازالارنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1804914
خىتاي: ئېمبارگولار تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىملىق ۋەكىلى دەي بىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، رۇسىيەگە قارىتىلغان جازالارنىڭ كۈچىيىشى ۋە دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىنىڭ خەلقئارا يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە بازىرىغا زەربە بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، يەنە  نورمال ھايات كەچۈرۈۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، يېڭى ئىنسانىي مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دەي بىڭ، جازالار بىلەن ئىقتىسادىي قامالنىڭ سۈنئىي يېمەكلىك يېتىشمەسلىكى ۋە باھا داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە زۆرۈر بولمىغان يۈكلەرنى يۈكلەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ توقۇنۇشتا تەرەپ ئەمەس. بۇ دۆلەتلەر نە ئۇنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرىلمەسلىكى، نە جۇغراپىيەلىك سىياسىي توقۇنۇشلار ۋە چوڭ كۈچلەرنىڭ ئويۇنلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولماسلىقى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇشنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن دەي، ئامېرىكا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا رۇسىيە بىلەن كۆرۈشۈشىنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇ، گۇرۇپپىلىشىش ۋە مۇتلەق بىخەتەرلىكنى قوغلىشىشنىڭ ئەڭ بىخەتەر بولمىغان ئۇسۇل بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

خىتاي، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھەربىي ھۇجۇمىنى ئەيىبلەش ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئىنسانىي كىرىزىسنىڭ جاۋابكارى، دەپ قاراش قارارى ئۈچۈن بېلەت تاشلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر