ب د ت تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئورنىتىلىشى يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى تۈپەيلى تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېپھان دۇجاررىچ، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىلىشى نىشان قىلىنغان مۇزاكىرىلەرنى ئىزچىل قوللاۋاتقانلىقلىرى ۋە بۇ مۇزاكىرىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەرەپلەرنىڭ باياناتلىرى ۋە ئەھدىلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ۋە قورال – ياراغلارنىڭ جىمىقىشىنى چىن دىللىلىرىدىن ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىنا غا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشىدىن كېيىن، 4 مىليون كىشى دۆلەتنى تەرك ئەتكەن، 6.5 مىليون كىشى دۆلەتتە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، 13 مىليون كىشى توقۇنۇشلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغانلىقتىن، ھېچبىر يەرگە كېتەلمىگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2 مىليون بالا ئۇرۇش سەۋەبىدىن مۇساپىر بولۇپ قالغان، 2 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق بالا ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان.