پولشا ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىدۇ

پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارىيۇس بلاستاك (MariuszBlaszczak) ئەسكەر سانىنى 300 مىڭغا چىقىرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1803828
پولشا ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارىيۇس بلاستاك ئەسكەر سانىنى 300 مىڭغا چىقىرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «پولشا ئارمىيەسىنى قايتىدىن قوراللاندۇرىمىز. ئارمىيەگە ئەڭ يېڭى زامانىۋى قورال-ياراغلارنى سەپلەيمىز. ئەسكەر سانىنىمۇ كۆپەيتىمىز» دېدى.

ئۇ مۇنتىزىم ئەسكەر سانىنى 250 مىڭغا، رايونلۇق مۇداپىئە ئەسكەر سانىنى 50 مىڭغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، پولشا ئارمىيەسىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش قارارىنىڭ چىقىشىغا، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئارمىيەگە سەپلىنىدىغان زامانىۋى قوراللارنىڭ ئىچىدە، 2 ت ب-بايراكتار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە «HIMARS» راكېتا سىستېمىلىرىنى رەتكە تىزىپ: «پولشا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەر سانى بۈگۈنكىدىن تېخىمۇ كۆپ بولۇشى كېرەك» دېدى.

پولشا پىرېزىدېنتى ئاندژېي دۇدا 18-مارتتا (2022) ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، پولشا ئارمىيەسىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ۋە كېڭەيتىشنى نىشان قىلغان ئانا ۋەتەن مۇداپىئە قانۇنىنى ئىمزالىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر