خىتايدا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى ھەممەيلەننىڭ  ئۆلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى

باياناتتىن كېيىن ئۆلگەن خىتايلار ئۈچۈن بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

1802465
خىتايدا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى ھەممەيلەننىڭ  ئۆلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ گۇاڭشى-جۇاڭ ئاپتونوم رايونىدا 21-مارتتا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى 132 كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى.

ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن ۋۇجۇ شەھىرىگە قاراشلىق تىڭ ناھىيەسىدە قۇرۇلغان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باياناتىدا، 123 يولۇچى ۋە 9 ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى. باياناتتىن كېيىن ئۆلگەن خىتايلار ئۈچۈن بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدىغان ئېلېكترونلۇق سىگنال ئۈسكۈنىسىنىڭ تېپىلغانلىقى، قارا قۇتىنىڭ ئىككىنچى پارچىسىنىڭ تېخىچە تېپىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىلىرىدىن بىرسى 23-مارتتىكى ئىزدەش جەريانىدا تېپىلغان ئىدى.  تەكشۈرۈش ئۈچۈن پايتەخت بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەن قارا قۇتىنىڭ ئايروپىلان بۆلمىسىدىكى ئاۋازلارنى خاتىرىلەيدىغان ئۈسكۈنە ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

ۋۇجۇ شەھىرىگە قاراشلىق تىڭ ناھىيەسى يېزىسىدا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداننى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى يامغۇر سەۋەبىدىن قىيىنلاشقان  بولۇپ، تەخمىنەن 300 خادىم ئىشتىراك قىلغان ئىزدەش  خىزمەتلىرىنى سۇبتروپىك بەلۋاغ كېلىمات رايونىدا ئارىلاپ-ئارىلاپ ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن داۋاملاشتۇرۇش قېيىنغا توختىغان ۋە يىغىلىپ قالغان سۇلارنى پومپا بىلەن چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

كۇنمىڭدىن گۇاڭجۇغا ئۇچقان شەرقىي خىتاي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە تەۋە «5735» نۇمۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان 21-مارتتا، گۇاڭشى جۇاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋوجۇ شەھىرىگە قاراشلىق تىڭ ناھىيەسى يېزىسىدىكى بىر ئورمانلىق رايونغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

خىتاي خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى باياناتىدا، ئايروپىلاندا 123 يولۇچى ۋە 9 خادىمنى قوشقاندا، جەمئىي 132 يولۇچىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر