خىتايدا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى
خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىلىرىدىن بىرسىنىڭ تېپىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ مەركىزىي دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «CCTV» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن رايوندا ئىزدەش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەترەت، قارا قۇتىلاردىن بىرىنى تاپقان.
قارا قۇتىنىڭ ئۇچۇش سانلىق مەلۇماتلىرىنىمۇ ياكى ئايروپىلان بۆلمىسىدىكى ئاۋازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانمۇ؟ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.
كۇنمىڭدىن گۇاڭجۇغا ئۇچقان شەرقىي خىتاي ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە 5735 - نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان، ئالدىنقى كۈنى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق ۋۇجۇ شەھىرى، تىڭ ناھىيەسى يېزىلىرىدىكى ئورمانلىققا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
خىتاي خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئايروپىلاندا 123 يولۇچى ۋە 9 ئايروپىلان خادىمى بولۇپ، جەمئني 132 كىشىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رايوندا ئىزدەش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەترەتلەر ئۆلگەن يولۇچىلارنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۇچراتقان ئىدى.
ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەن بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ھىندىستاندا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ھاۋادا بىر توپ تۇرنا قۇشىغا سوقۇلۇپ كەتتى
ھىندىستاندا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇرنا توپىغا سوقۇلۇپ 36 تۇرنانىڭ قېنىغا زامىن بولدى.
كولومبىيە راماللاھتا ئەلچىخانا ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترو راماللاھتا ئەلچىخانا ئېچىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى.