رۇسىيە ئارمىيەسى ئالتە گېنېرالىنى يوقىتىپ قويدى

ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تەخمىنەن 15 مىڭ ئەسكىرىنى، 97 ئايروپىلانىنى، 121 تىك ئۇچارىنى ۋە 498 تانكىسىنى يوقىتىپ قويغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1799288
رۇسىيە ئارمىيەسى ئالتە گېنېرالىنى يوقىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 24-فېۋرالدىن (2022) 21-مارتقىچە تارتقان زىيانلىرى توغرىسىدا سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، ئۇرۇشتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تەخمىنەن 15 مىڭ ئەسكىرى، 97 ئايروپىلان، 121 تىك ئۇچار، 498 تانكا، 1535 بىرونىۋىك، 240 زەمبىرەك، 80 راكېتا ئاتار سىستېمىسى، 45 ھاۋا قالقان سىستېمىسى، 969 ھەربىي ئاپتوموبىلى، ئۈچ يىنىك تىپلىق پاراخوت، 60 دانە يېقىلغۇ ئاپتوموبىلى ۋە 24 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى يوقىتىلغان.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئالېكسېي ئارېستوۋىچ رۇسىيەنىڭ بارلىق سەپلەر بويىچە ئىلگىرىلىشىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ 25-كۈنىدە، ئۇرۇش توغرىسىدا توختىلىپ: «رۇسىيەنىڭ بارلىق سەپلەردىكى ئىلگىرىلىشى توختىتىلدى. رۇسىيەنىڭ بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا كۈچى قالمىدى» دېدى.

ئۇ رۇسىيەدە ھەربىي خادىملارغا بېسىم قىلىشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەپتىشلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئۇرۇش مەيدانلىرىدىكى قوماندانلارنىڭمۇ قورقۇنچاقلىق ۋە خاراكتېر ئاجىزلىقى بىلەن ئەيىبلىنىشكە باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مىخائىل پودولياك رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادا 24-فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشلاردا ئالتە گېنېرالىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىخائىل پودولياك تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىنىڭ ئۆلۈم نىسبەتلىرى دىققەت قوزغايدۇ» دېدى.

رۇسىيە دۇماسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى يېكاتېرىنا ئالتابايېۋا تۋىتېتردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىز مۇئاۋىن قوماندانى پېشقەدەم پولكوۋنىك ئاندرېي پالىينىڭ مارىيۇپولدىكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاندرېي پالىينىڭ 1992-يىلى كىيېۋ ھەربىي دېڭىز سىياسەت ئالىي تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەنلىكىنى، 1993-يىلى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە قاتنىشىشنى رەت قىلىپ، رۇسىيەنىڭ شىمالىي دېڭىز ئارمىيە قىسمىغا كىرگەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن يېكاتېرىنا ئالتابايېۋا، پېشقەدەم پولكوۋنىك پالىينىڭ 2008-يىلىمۇ گىرۇزىيەدىكى ئۇرۇشتا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر