نورۋېگىيەدە ناتونىڭ بىر ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

نورۋېگىيەنىڭ شىمالىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1798304
نورۋېگىيەدە ناتونىڭ بىر ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى NRK، 4 كىشىلىك ناتو ئايروپىلانىنىڭ «2022 سوغۇق تاقابىل تۇرۇش» ناملىق ناتو مانېۋىرى ئەسناسىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

شىمالىي نورۋېگىيە ئاساسلىق قۇتقۇزۇش مەركىزى باياناتچىسى ژان ئېسكىل سېۋېرىنسېن، رايوندىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ناچار ھاۋارايى پەيدا قىلغان قىيىنچىلىقلارغا قارىماي داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئايروپىلاندىكى خادىملارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

نورۋېگىيە قوراللىق قىسىملىرى ئالاقە ئىشلىرى مەسئۇلى ئولې كرىستىئان ئېمائۇسمۇ ئايروپىلاندىكى كىشىلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەمما ئايروپىلاننىڭ ئامېرىكاغا تەۋە ناتو ئايروپىلانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر