رۇسىيە ئارمىيەسى مارىيۇپول شەھىرىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن قاتتىق بومباردىمان قىلماقتا

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ مارىيۇپول شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 2500 دىن ئارتۇق پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

1795194
رۇسىيە ئارمىيەسى مارىيۇپول شەھىرىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن قاتتىق بومباردىمان قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق ئىشخانىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئولېكسىي ئارىستوۋىچ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىگە بەرگەن باياناتىدا، مارىيۇپولدا جىددىيچىلىكنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى توسقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ شەھەرنى ئالالمىغان رۇسىيە كۈچلىرىنىڭ پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «رۇسلار شەھەرنى يەر يۈزىدىن يوقاتماقچى. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2500 دىن ئارتۇق پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى» دېدى.

ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋدىكى توققۇز قەۋەتلىك بىر تۇرالغۇ بىناسىغا، رۇسىيە ئارمىيەسى ئاتقان بىر زەمبىرەك ئوقىنىڭ چۈشۈشى نەتىجىسىدە، ئىككى پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 05:09 ئۆتكەندە رۇسىيە ئارمىيەسى ئاتقان بىر زەمبىرەك ئوقى، كىيېۋدىكى ئوبولونسكىي مەھەللىسىگە جايلاشقان بىر بىناغا چۈشكەن ۋە بىناغا ئوت كەتكەن. قۇتقۇزۇش خادىملىرى 63 كىشىنى تارقاقلاشتۇرغان. ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىدە، ئىككى كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.

رۇسىيە ئارمىيەسى كىيېۋدىكى ئانتونوۋ فابرىكاسىغىمۇ ھۇجۇم قىلدى.

سۇمى ئىشتاتىغا قاراشلىق ئاختىركا شەھىرى كېچە ۋاقتىدا قاتتىق ھاۋا بومباردىمانىغا ئۇچرىدى. ئاختىركا ۋالىيسى پاۋېل كۇزمېنكو فەيسبۇكتا ۋىدېئو تارقىتىپ: «بۇ كېچە ئاھالىلەر رايونى ھاۋا بومباردىمانىغا ئۇچرىدى. ھازىر ئۈچ پۇقرامىزنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. ھازىر ئۆيلەردە ئوت كۆيۈۋاتىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر