ئەسىرگە چۈشكەن رۇس ئەسكەرلىرى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىنى ئاشكارىلىدى

ئۇكرائىنادا ئۇرۇش جەريانىدا ئەسىر ئېلىنغان ۋە رۇسىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان ئوفىتسېرلار، پايتەخت كىيېۋدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، بايانات ئېلان قىلدى.

1793050
ئەسىرگە چۈشكەن رۇس ئەسكەرلىرى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنادا ئۇرۇش جەريانىدا ئەسىر ئېلىنغان ۋە رۇسىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى ئېنىقلانغان ئوفىتسېرلار، پايتەخت كىيېۋدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، بايانات ئېلان قىلدى.

ئىنتېرفاكس ئۇكرائىنا خەۋەر ئاگېنتلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئۇكرائىنانىڭ چېرنىگىۋ رايونىدا ئەسىرگە چۈشكەن رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 15-ئالېكساندروۋسكىي بىرىگادىسىغا قاراشلىق ھەربىي ئىستىخبارات بۆلۈمىنىڭ يەتتە ئوفىتسېرى سۆز قىلدى.

نۇرغۇن يەرلىك ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار قاتناشقان يىغىندا، ئەسىر ئېلىنغان رۇسىيە ئەسكەرلىرى ئۇكرائىناغا كېلىش جەريانىنى بايان قىلدى.

ئوفىتسېر سېرگېي گالكىن 2013-يىلدىن تارتىپ توختاملىق ئەسكەر بولغانلىقىنى، بېلارۇسىيەدە بىرلەشمە مانېۋىرغا قاتنىشىش ئۈچۈن 1-فېۋرال پويىز بىلەن بريانسكايا ئىشتاتىغا كەلگەنلىكلىرىنى ۋە ئۇ يەردە ئورمانلىقتا قۇرۇلغان لاگېردا تۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تەخمىنەن ئۈچ كۈن لاگېردا تۇرغاندىن كېيىن، ئۇكرائىناغا ھۇجۇم پىلانىدىن خەۋەر تاپقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «قوماندانىمىز ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش ۋە پايتەخت كىيېۋنى ئىشغال قىلىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. تېلېفونلىرىمىز، كىملىكلىرىمىز يىغىۋېلىندى. ئەتىسى يولغا چىقتۇق» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ چېرنىگىۋ ئىشتاتى چېگراسىغا يېقىنلاشقاندا ئاپتوموبىللىرىنىڭ پاتقاققا پېتىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ جەرياندا رايون خەلقى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق. ئارىمىزدىكى مەرگەننىڭ ئوق چىقىرىشى بىلەن ئېتىشىش يۈز بەردى. يەرلىك خەلقنىڭ قولىدا نۇرغۇن قورالنىڭ بارلىقىنى كۆردۇق. بىزنىڭ قايتىپ كېتىشىمىزنى ئېيتتى. بىز شۇ چاغدا تەسلىم بولدۇق» دېدى.

يەنە بىر ئوفىتسېر ۋلادىمىر راسكازوۋ رۇسىيە ئەسكەرلىرىگە: «قورال تاشلاڭلار» دەپ چاقىرىق قىلدى.

ئۇ: «پۇتىنغا خىتاب قىلماقچىمەن. ئۇنى ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىشقا چاقىرىمەن. چۈنكى بىز رۇسىيەگە قايتقاندا ئۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز» دېدى.

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغان مەزكۇر رۇسىيە ئوفىتسېرلار تۇرغان بىرىگادىنىڭ 2014-يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلىشتا ۋە سۈرىيەدە ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر