ستولتېنبېرگ ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىغا قاتنىشىدۇ

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئەتە (2022-يىلى 11-مارت) تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1793254
ستولتېنبېرگ ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىغا قاتنىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو مەركىزى باش كاتىپ ستولتېنبېرگنىڭ ئەتە تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، باش كاتىپ ستولتېنبېرگ ئانتاليادا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

ستولتېنبېرگنىڭ ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىدە سۆز قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رافائېل مارىيانو گروسسىمۇ ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىغا قاتنىشىدۇ.

گروسسى تۋىتېتردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئانتاليادا ئۇكرائىنادىكى يادرو مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تېز سۈرئەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىسى بويىچە ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر