بلىنكېن بىلەن كامىلوف رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ئۆزبېكىستانلىق مەنسەپدىشى ئابدۇلئەزىز كامىلوف بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئافغانىستانغا قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

1792964
بلىنكېن بىلەن كامىلوف رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بلىنكېن بىلەن كامىلوفنىڭ مىنىستىرلىق بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشىدا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر بلىنكېننىڭ، ۋاشىنگتوننىڭ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئافغانىستاندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى يېڭىش يولىدا نامايان قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا،  ئىككى مىنىستىرنىڭ يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە رايونغا ئالاقىدار باشقا  مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئانتونىي بلىنكېن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمترو كۇلېبا بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى مىنىستىرنىڭ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى، بۇ ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ۋە مەسىلىگە چارە ئىزدەش يولىدىكى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر