كلارېنس سېدورف مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى

ئۇزۇن يىل ئىتالىيەنىڭ مىلان كوماندىسىدا توپ تەپكەن گوللاندىيەلىك سابىق پۇتبولچى كلارېنس سېدورف مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

1790224
كلارېنس سېدورف مۇسۇلمان بولغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنستاگرامدىكى ئادرېسىدا «مېنىڭ ئىسلام ئائىلىسىگە قوشۇلغانلىقىمنى تەبرىكلىگەن كۆپچىلىككە رەھمەت» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھرىلىگەن سېدورف، ئىسمىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پۇتبول ھاياتىدا ئۆز دۆلىتىدىكى ئاجاكىس، ئىسپانىيەدىكى رېئال مادرىد، ئىتالىيەنىڭ سامپدورىيا، ئىنتېر، مىلان ۋە بىرازىلىيەنىڭ بوتافوگو كوماندىسىدا توپ تەپكەن سېدورف، رېفىرلىق ھاياتىدا دېپورتىۋو، مىلان ۋە خىتاينىڭ شەنزەن كوماندلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر