رۇسىيە ئامېرىكانى راكېتا موتورى بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى

رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى راكېتا ماتورى بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

1789306
رۇسىيە ئامېرىكانى راكېتا موتورى بىلەن تەمىنلەشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى باشلىقى دىمىترىي روگوزىن، رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلى «Rossiya-24» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا،  موسكۋانىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ ئامېرىكانى راكېتا ماتورى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار تۈپەيلى موسكۋانىڭمۇ ۋاشىنگتونغا ئەۋەتىلىدىغان مەھسۇلاتلار ھەققىدە قارار چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن روگوزىن، «بۈگۈن بىز NPO ئېنېرگوماشتا ئىشلەپچىقىرىلغان راكېتا ماتورىنى ئامېرىكاغا ئەۋەتىشنى توختاتتۇق» دېدى.

ئۇ يەنە، گېرمانىيە بىلەن خەلقئارا ئالەم پونكىتىنىڭ رۇسىيە قىسمىدا بىرلەشمە سىناقلارنىڭ ئېلىپ بېرىلمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر