سەي يىڭۋېن قاتارلىق تەيۋەن رەھبەرلىرى بىر ئايلىق مائاشلىرىنى ئۇكرائىناغا ئىئانە قىلدى

تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن بىر ئايلىق مائاشىنى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئۇكرائىناغا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1788583
سەي يىڭۋېن قاتارلىق تەيۋەن رەھبەرلىرى بىر ئايلىق مائاشلىرىنى ئۇكرائىناغا ئىئانە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «فوكۇس تەيۋەن»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئىرادىسىنىڭ دۇنيا ۋە تەيۋەن خەلقىنى سەپەرۋەر قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

سەي يىڭۋېن ئۆزى ۋە مۇئاۋىنى ۋىليام لەي بىلەن ھۆكۈمەت باشلىقى سۇ سېڭ چاڭنىڭ بىر ئايلىق مائاشىنى ئۇكرائىناغا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تەيۋەننىڭ ئۇكرائىنانى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن سەي يىڭۋېن، ئۇكرائىنانى قوللايدىغان يەر شارى دېموكراتىيە كۈچلىرىنىڭ زورايغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تەيۋەن ئۇكرائىناغا 27 توننا داۋالاش بۇيۇملىرى يوللىغان، رۇسىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى ئاز بولۇشىغا قارىماي، غەربنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازاسىغا قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر