زېلېنسكىي: مۇزاكىرەلەردە ئۇكرائىنا تەلەپ قىلغان نەتىجە يوق

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي ھازىرچە رۇسىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرەلەردىن ئۇكرائىنا تەلەپ قىلغان نەتىجىنىڭ چىقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1787733
زېلېنسكىي: مۇزاكىرەلەردە ئۇكرائىنا تەلەپ قىلغان نەتىجە يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھەيئەتلىرى كۆرۈشۈشى ئۆتكۈزۈلگەن ئوخشاش ۋاقىتتا، ئۇكرائىنانىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ھازىرچە بىز تەلەپ قىلغان نەتىجە يوق. رۇسىيە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئۇقتۇردى. ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىز ئوتتۇرىغا قويغان ماددىلارنى ئاڭلىدى ۋە بەزى بېشارەتلەرنى ئالدى» دېدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ھەيئىتى كىيېۋغا يېتىپ كەلگەندە ئەھۋالنى ئانالىز قىلىدىغانلىقلىرىنى، ئىككىنچى قېتىملىق مۇزاكىرەنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئۈستىدە قارار قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى ئىمزالىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ رەسمىي رويخەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ پەيتنى 30 يىلدىن بۇيان كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ۋلادىمىر زېلېنسكىي خەلققە خىتاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقىدا يەنە، رۇسىيە كۈچلىرنىڭ خاركىۋ شەھىرىنى راكېتالار بىلەن ئېغىر بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بۇ ئېنىق ئۇرۇش جىنايىتى. تىنچلىقپەرۋەر شەھەر، تىنچلىقپەرۋەر ئاھالىلەر رايونى. بىر دانىمۇ ھەربىي نۇقتا يوق. بومباردىمانغا گۇۋاھ بولغانلارنىڭ تارتقان ۋىدېئولىرى، بۇنىڭ خاتالىق سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى قەستەن قىلىنغان ۋەيرانچىلىق. بۇ خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىق. بۇ جىنايەت ئۈچۈن چوقۇم خەلقئارالىق سوت قۇرۇلىدۇ» دېدى.

ئۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، توپ-زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان رەزىللىكلەرنڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يوق قىلىنىشىنى، ئىنسانىيەتنىڭ ئۆزىنى قوغداشنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ: «رۇسىيە بارلىق كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلدى، بۇنى ھېچكىم كەچۈرمەيدۇ» دېدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ بەش كۈن ئىچىدە ئۇكرائىناغا 56 باشقۇۇرلىدىغان بومبا ۋە 113 چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى، پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغان دۆلەتنىڭ ب د ت غا ئەزا بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، رۇسىيەنىڭ تىك ئۇچارلىرىغا، راكېتالىرىغا دۇنيادىكى بارلىق پورتلانىڭ، قاناللارنىڭ ۋە ئايرودۇرۇملارنىڭ تاقىلىشىنى چاقىرىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر