كىيېۋدا تۈنۈگۈن كېچە شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەردى

رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىنلا پايتەخت كىيېۋدا تۈنۈگۈن كېچە قايتىدىن شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەردى.

1787474
كىيېۋدا تۈنۈگۈن كېچە شىددەتلىك پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا كىرگەن رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ، تۈنۈگۈن كەچتە پايتەخت كىيېۋدىكى بىر ئەشيا ئوبوروتى ئىسكىلاتىنى بومبىلىشى نەتىجىسىدە ئونلارچە كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئاساسلىق لازىمەتلىكلەر ساقلىنىۋاتقان ئىسكىلاتنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ يېڭى ھەربىي  ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ پايتەخت كىيېۋغا  قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، پايتەخت كىيېۋدىن باشقا ئۇكرائىنانىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرى، كېچىنى گۈدۈك ئاۋازلىرى ئاستىدا ئۆتكۈزگەن، كەڭ خەلق ئاممىسى بولسا پاناھلىنىش ئورۇنلىرىدىن ئايرىلالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر