دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا رۇسىيەگە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئاقساراي ئالدىدا توپلانغان يۈزلەرچە كىشى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى ۋە ئامېرىكانى ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

1787134
دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا رۇسىيەگە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا
almanya koln rusya protesto.jpg
roma rusya protesto.jpg
amterdam rusya protesto.jpg
tayland rusya protesto.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنالىق ۋە ئامېرىكالىقلاردىن تەشكىللەنگەن يۈزلەرچە كىشى ئاقساراينىڭ ئۇدۇلىدىكى لافايېتتې باغچىسىدا توپلىنىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

قوللىرىدا ئۇكرائىنا بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، «ئۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز»، «ئائىلىلىرىمىزنى كۆرۈشنى خالايمىز» دەپ شوئار توۋلىدى.

نامايىشچىلار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننى ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

نىيۇ يوركتا ۋاشىنگتون مەيدانى باغچىسىدىمۇ يۈزلەرچە كىشى توپلىنىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن قىلىنغان تىنچلىق يۈرۈشى» گە نۇرغۇن كىشى قاتناشتى.

كۆلن كارنېۋال كومىتېتى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان «كارنېۋال يۈرۈشى» نى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە كلودۋىگ مەيدانىدا «تىنچلىق يۈرۈشى» نى باشلىدى.

ئىتالىيە پايتەختى رىمدا يۈزلەرچە كىشى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ نامايىش قىلدى. نامايىشتا، ئۇكرائىنا بايرىقىدىن باشقا، گىرۇزىيە، ئەزەربەيجان، لىتۋانىيە ۋە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بايراقلىرىمۇ كۆرۈندى.

غەربىي قۇددۇستا كۆپىنچىسى ئەسلى ئۇكرائىنالىق بولغان ئىسىرائىلىيە پۇقرالىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھۇجۇمىغا قارشى نامايىش قىلدى. نامايىشچىلار ئىسىرائىلىيە پارلامېنتى ئالدىدا توپلاندى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىسى بولغان «تۆمۈر قۇببە» نى ئۇكرائىناغا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار، «ئۇكرائىناغا تۆمۈر قۇببە ئەۋەت» دېگەن شوئار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر