بلىنكېن كۇلېبا بىلەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بىلەن تېلېفونلاشتى.

1786049
بلىنكېن كۇلېبا بىلەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بىلەن تېلېفونلىشىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋ ۋە ئەتراپىدىكى بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ ھاۋا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئانتونى بلىنكېن بىلەن دىمىترى كۇلېبانىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئانتونى بلىنكېننىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ۋاشىنگتوننىڭ ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھاۋا ۋە راكېتا ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن پرايس: «مىنىستىر بلىنكېن رۇسىيەنىڭ رەھىمسىز تاكتىكىسىغا بولغان غەزىپىنى ئىپادىلىدى. ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىغانلىقىنى قەيت قىلدى» دېدى.

ئۇ باياناتىدا، ئانتونى بلىنكېننىڭ كۇلېباغا ئامېرىكانىڭ، رۇسىيەگە قارشى ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر