شى جىنپىڭ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلىدى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنا مەسىلىلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.

1785622
شى جىنپىڭ دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، شى جىنپىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن بولۇپ، كۆرۈشۈشتە، ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئۆزئار پىكىر ئالماشتۇرۇلغان. شى جىنپىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە يولى بىلەن ھەل قىلشقا چاقىرغان.

پۇتىن شىغا ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ تارىخىي تەرەپلىرىنى ۋە رۇسىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى ۋە رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن ناتونىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى رۇسىيەنىڭ نورمال بىخەتەرلىك قايغۇلىرىنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى، ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقىنى ۋە شەرققە كېڭىيىشنى داۋاملاشتۇرۇپ رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىزىل سىزىقلىرىغا تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شى جىنپىڭ بولسا، سوغۇق ئۇرۇش ئىدىيەسىدىن ۋاز كېچىلىشى لازىملىقىنى، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشەلىرىگە ھۆرمەت قىلىنىدىغان، تەڭپۇڭ، تەسىرى كۈچلۈك ۋە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك مېخانىزمنى مۇزاكىرە يولى شەكىللەندۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ب د ت شەرتنامىلىرىنىڭ مەقسەت ۋە پىرىنسىپلىرىغا بويسۇنۇش، بارلىق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش مەسىلىلىرىدە، خىتاينىڭ مەيدانىنىڭ ئىزچىل ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ: «خىتاي ئورتاق، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ۋە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان خەۋپسىزلىك ئۇقۇمىنى قوغداشنى ۋە مەكەزدە ب د ت بولغان خەلقئارالىق تۈزۈمگە ھەمدە خەلقئارالىق قانۇنغا تايانغان خەلقئارالىق تەرتىپنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ بارلىق`تەرەپلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر