ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاۋىياتسىيە ئورگىنى ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا ساھەسى ۋە ئەتراپىدىكى جايلارغا ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

1784394
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىگە جايلاشقان ياۋروپا ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىك ئورگىنى (EASA)، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي مۇداخىلىسىدىن كېيىن ئاگاھلاندۇرۇش باياناتى ئېلان قىلىپ، بۈگۈندىن باشلاپ ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا ساھەسى ۋە ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيە چېگرالىرىدىن 100 مىل (185 كىلومېتىر)  قىسمىغا دىققەت قىلىش ۋە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇردى.

ياۋروپا ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ 24 – مايغىچە كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

رايوندا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقانلىقى، ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا ساھەسى ۋە ئايرودۇرۇملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالقىلىق مۇئەسسەسەلىرىنىڭ پۇقراۋى ئۇچۇشلار ئۈچۈن ئۇيغۇن ئەمەسلىكى، رايوندا بىخەتەرلىك خىرىسلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، بولۇپمۇ پۇقراۋى ئايروپىلانلارنىڭ ھەم مەقسەتلىك ھالدا نىشانغا ئېلىنىش ھەم خاتا تونۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، رايوندا نۇرغۇن قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئۇرۇش سىستېمىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ پۇقراۋى ئايروپىلان سەپەرلىرى جەھەتتىن يۈكسەك سەۋىيەدە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بايان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر