ياپونىيەدە 134 نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە 683 نۆۋەتچى پويىز قاتناشتىن توختىدى

ياپونىيەنى تەسىرى ئاستىغا ئالغان شىددەتلىك قار يېغىشى سەۋەبىدىن 134 نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە 683 نۆۋەتچى پويىز قاتناشتىن توختىدى.

1782030
ياپونىيەدە 134 نۆۋەتچى ئايروپىلان ۋە 683 نۆۋەتچى پويىز قاتناشتىن توختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى ۋاقتىنچە توختىتىلدى.

خوككايدو ۋە شەرقىي شىمالدىكى توكۇ رايونىدا تۈنۈگۈن كەچتە باشلانغان شىددەتلىك قار ۋە شىۋىرغان تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

تۆمۈر يول شىركىتى «JR» چەكلىك ساندىكى تېز پويىزلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 683 نۆۋەتچى پويىزنىڭ توختىتىلغانلىقىنى، ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭمۇ خوككايدودا 134 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قاتنىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالغان خوككايدودا ئاباشىرى، مونبېتسۇ ۋە كىتامى شەھىرى بىلەن توكورو يېزىسىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرمۇ  ئۇقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ۋاقىتلىق توختاتتى.

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى (JMA) شىددەتلىك قار ۋە شىۋىرغاننىڭ چارشەنبە كۈنى ئەتىگەنگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مۇتەخەسسىسلەر نىگاتا ئۆلكىسىدە قارنىڭ قېلىنلىقى 80 سانتىمېتىرغا، خوككايدو ۋە ناگانو ئۆلكىلىرىدە 50 سانتىمېتىرغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، خەتەرلىك رايونلاردا ياشايدىغان ئاھالىلەرنى مۇھىم بولمىغان ساياھەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر