لىۋىيەدىكى رۇسىيە ياللانما ئەسكەرلىرى چېكىنىشكە باشلىدى

لىۋىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى جۇفرا شەھىرىگە تەۋە پۇقرالار رايونىغا جايلاشقان رۇسىيە بىخەتەرلىك شىركىتى ۋاگنېرنىڭ ياللانما ئەسكەرلىرى جۇفرا ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا چېكىنىشكە باشلىدى.

1782006
لىۋىيەدىكى رۇسىيە ياللانما ئەسكەرلىرى چېكىنىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت تىرىپولى مەركەزلىك «لىۋىيە ئەل ئاخبار تېلېۋىزىيە» قانىلىنىڭ خەۋىرىدە، ۋاگنېرغا قاراشلىق ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ 4 كۈن ئىلگىرى جۇفرادىكى پۇقرالار رايونىدىن ئايرىلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە ياللانما ئەسكەرلەر تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ئەسلىھەلەر ئارىسىدا، ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە سوۋۇتۇش ئىنستېتۇتى، شەھەرنىڭ سۇ ئامبېرى، مەمۇرىي مەركەزلەر، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ۋە ۋەددان-سىرتە تاشيولىغا جايلاشقان بىر ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭمۇ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە چېكىنىش ھەرىكىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى ۋە بەزى ئىستراتېگىيىلىك نۇقتىلارنىڭ بولسا، ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ تەمىناتىنىڭ ئىزچىللىقى ئۈچۈن تارقاقلاشتۇرۇلمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

 

لىۋىيە دۆلەت ئالىي كېڭىشى رەئىسى خالىد ئەل مىشرى 12-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، لىۋىيەدە رۇسىيە بىخەتەرلىك شىركىتى ۋاگنېرغا تەۋە 7 مىڭدىن ئارتۇق ياللانما ئەسكەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لىۋىيەدە 2019-يىلدىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ۋاگنېرغا تەۋە ياللانما ئەسكەرلەر جۇفرادىن باشقا يەنە، شەرقتىكى سىرتەگىمۇ ئورۇنلاشقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر