بايدىن يەنە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى كېيىنكى كۈنلەردە ئىشغال قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما مەسىلىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ ھازىرمۇ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1780661
بايدىن يەنە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئوخايو ئىشتاتىغا قاراپ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئاقسارايدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش خەتىرىنىڭ «ئىنتايىن يۇقىرى»  ئىكەنلىكىنى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇخبىرنىڭ «رۇسىيەنى ئۇكرائىناغا كىرىدۇ دەپ ئويلامسىز؟» دېگەن سوئالىغا: «شۇنداق، ئەمما ھازىر ئەمەس، كېيىنكى كۈنلەردە» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ دىپلوماتىك يول بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلشنىڭ مۇمكىن ياكى مۇمكىن ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا بولسا: «ئەلۋەتتە، بۇ مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ ئاخىرىدا، رۇسيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا ئەۋەتكەن مەكتۇپنىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر