كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئىسيانچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدىكى ئىتۇرى ئۆلكىسىدە ئىسيانچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 17 پۇقرا قازا قىلدى.

1779657
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئىسيانچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پۇقرا ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  تەرەققىيات ئىتتىپاقى (CODECO) ناملىق ئىسيانچى گۇرۇپپا، دۆلەتنىڭ دجۇگۇ رايونىغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا 5 بالىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 پۇقرا  ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مەزكۇر رايوندا، تۈنۈگۈن ئىتتىپاقداش دېموكراتىك كۈچلەر (ADF) ناملىق ئىسيانچى گۇرۇپپىنىڭ ھۇجۇمىدىمۇ 7 پۇقرا قازا قىلغانىدى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى فېلىكس تشېكېدى، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كەتكەن شەرقىي شىمالدىكى كىۋۇ ۋە ئىتۇرى ئۆلكىلىرىدە، بىخەتەرلىكنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، 2021 – يىلى 7 – ماي كۈنى «ھەربىي قورشاۋ» ئېلان قىلغانىدى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۇگاندا ئارمىيەسى، 2021-يىلى 30-نويابىردىن بۇيان رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسيانچى گۇرۇپپىلارغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىدە بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

دۆلەتنىڭ شەرقىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسيانچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىدا، 2014-يىلدىن بۇيان مىڭلارچە پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رىۋاندا، ئۇگاندا ۋە بۇرۇندى بىلەن چېگرالىنىدىغان شەرقىي قىسمى، ئۇدا 20 يىلدىن بۇيان ئالتۇن ۋە كوبالت قاتارلىق مەدەنلەرنى كونترول قىلماقچى بولغان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە توقۇنۇشلىرى سەھنە بولماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر