ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساج ھېرزوگ 9 - ۋە 10- مارت كۈنلىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ھەيئىتىمۇ 2022-يىلى 16- ۋە 17- فېۋرالدا پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

1778867
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساج ھېرزوگ 9 - ۋە 10- مارت كۈنلىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالدىنقى ئايلاردا، ئىسرائىلىيە بىلەن يېڭى بىر مۇساپىنى باشلاش ياكى باشلىماسلىق توغرىسىدا ئىككى دۆلەت ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ بايانات كۈن تەرتىپلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

ئارقىدىنلا ھەم تۈركىيە، ھەم ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن «دىئالوگ» ئۇچۇرلىرى كەلگەن بولۇپ، 2022-يىلى يانۋاردا، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساج ھېرزوگ 9- ۋە 10-مارت كۈنلىرى تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدىغان بولدى.

جۇمھۇر رەئىس باياناتچىسى شۇنداقلا باش ئەلچىسى ئىبراھىم كالىن ۋە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شۇنداقلا باش ئەلچى سەدات ئونال بولسا، 2022-يىلى 16- ۋە 17- فېۋرالدا پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەنى زىيارەتتە قىلىدىغان بولدى.

تۈركىيە ھەيئىتى پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە پەلەستىن دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

تۈركىيە ھەيئىتى يەنە، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساج ھېرزوگنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرلىشىدۇ ھەمدە  سىياسىي مەسلىھەتلەردە بولىدۇ.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى (2022-يىلى 11-مارتتىن 13-مارتقىچە) ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر