ئامېرىكا: ئۇكرائىنادىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىمىزنى ۋاقىتلىق لىۋىۋ شەھىرىگە يۆتكەۋاتىمىز
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئۇكرائىنادا بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى تۈپەيلى پايتەخت كىيېۋدىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىسىنى ۋاقىتلىق لۋىۋ شەھىرىگە يۆتكەۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلىنكېن، رۇسىيە - ئۇكرائىنا كىرىزىسى بارغانسېرى جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇكرائىنادىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى توغرۇلۇق يېڭى بىر قارار چىقارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە كۈچلىرىنىڭ چېگرا رايونىغا تىراگېدىيەلىك بىر شەكىلدە ئورۇنلىشىشى سەۋەبىدىن، كىيېۋدىكى دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىمىزنى ۋاقىتلىق لۋىۋ شەھىرىگە يۆتكەۋاتىمىز. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى، ئۇكرائىنانىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان لۋىۋ شەھىرىدە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا، ئەلچىخانىمىز، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىدۇ.»
رۇسىيەنىڭ سۈركىلىشنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بلىنكېن، دىپلوماتىك باسقۇچلارنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە قارىتا ئىشىكلىرىنىڭ تېخىچە ئوچۇق ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.