كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى بالا جەڭچىلەر مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كەلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى توپىلاڭچىلارنىڭ ئۆسمۈر جەڭچىلەرنى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1778892
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى بالا جەڭچىلەر مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تارقىتىش بېرىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئوكاپى رادىيوسى، ئۆتكەن يىلى دۆلەتنىڭ شەرقىدە خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 470 دىن ئارتۇق بالىنىڭ جەڭگە قاتناشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 12 نەپىرى قىز  بولۇپ جەمئىي 50 بالا توقۇنۇشلار ھاياتىدىن ئايرىلغان، 169 بالا جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان.

نوپۇسنىڭ %63 ىنى 24 ياشتىن تۆۋەنلەر تەشكىل قىلىدىغان كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى بالا جەڭچىلەر ۋە بالا ئىشچىلار مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان كۈنتەرتىپتىكى ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رىۋاندا، ئۇگاندا ۋە بۇرۇندى بىلەن چېگرىلىنىدىغان شەرقتىكى رايونلىرى 20 يىلدىن بۇيان ئالتۇن، كوبالت قاتارلىق قىممەت باھالىق بايلىقلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا كىرگۈزمەكچى بولۇۋاتقان قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە توقۇنۇشلىرىغا سەھنە بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر