ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىنىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەلىك مەنسەپداشلىرى يوشىماسا ھاياشى ۋە چۇڭ ئېۋ-يوڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىنىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1777752
ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىنىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىللىنكېن ئامېرىكانىڭ ھاۋاي ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كېيىن چاقىرىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىسىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىنقى ئايلاردا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىللىنكېن «ئىغۋاگەرچىلىك باسقۇچى» دا تۇرۇۋاتقان شىمالىي كورېيەگە قارشى ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق پوزىتسىيەنى نامايان قىلغانلىقىنى  تىلغا ئالدى.

شىمالىي كورېيە 30-يانۋاردا «Hwasong-12» ناملىق ئۇزۇن مۇساپىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن يىل بېشىدىن بۇيان جەمئىي  7-قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى يادرو پىلانى سەۋەبىدىن 2006-يىلدىن بۇيان شىمالىي كورېيەگە ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر