جو بايدىن بىلەن ئېممانۇئېل ماكرون ئۇكرائىنادىكى جىددىيچىلىكنى مۇزاكىرىلەشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلىشىدىن كېلىپ چىققان جىددىيچىلىكنى مۇزاكىرە قىلدى.

1774317
جو بايدىن بىلەن ئېممانۇئېل ماكرون ئۇكرائىنادىكى جىددىيچىلىكنى مۇزاكىرىلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي پىرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ ئۇكرائىنادىكى جىددىيچىلىكنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «رەھبەرلەر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئەسكەر توپلىشىغا قارشى دىپلوماتىك ۋە توسۇش خاراكتېرلىك تىرىشچانلىقلارنى مۇزاكىرە قىلدى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، مۇنداق دېيىلدى:

«رەھبەرلەرئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، ئۇكرائىنا ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن مۇزاكىرىلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا قوشۇلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر