توكايېۋ بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سېنتەبىردە قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1773894
توكايېۋ بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت قاسىم جۆمەرت توكايېۋنىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي – قازاقىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى، ھەمدە خەلقئارا ۋەزىيەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، توكايېۋ شى جىنپىڭغا قازاقىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، شۇنداقلا يېڭى قازاقىستان قۇرۇلۇشىغا زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقان.

قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 - يىلىدا، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان توكايېۋ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ سىياسىي ۋەزىيەتتىن مۇستەقىل، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن توكايېۋ، شى جىنپىڭنى سېنتەبىردە قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان.

شى جىنپىڭمۇ توكايېۋنىڭ «بىر خىتاي» پىرىنسىپىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان، ھەمدە بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۆزىنىڭ توكايېۋ بىلەن دائىملىق ئالاقىنى ساقلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن شى جىنپىڭ، كۈزدە قازاقىستاننى زىيارەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر