خىتاي ئامېرىكاغا شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئىلاستىكىلىق ئۇسۇلدا ھەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى

خىتاي ئامېرىكاغا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ ئىلاستىكىلىق ئۇسۇل قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلدى.

1773827
خىتاي ئامېرىكاغا شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئىلاستىكىلىق ئۇسۇلدا ھەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى (ب د ت خ ك) ئامېرىكانىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 30  -  يانۋار شىمالىي كورېيەنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى توغرىسىدا يېپىق يىغىن چاقىردى.

خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ جۈن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكاغا (شىمالىي كورېيەنىڭ) ئەندىشىلىرىنى تەسكىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن تېخىمۇ جەلپكار، تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ ئىلاستىكىلىق ئۇسۇل، سىياسەت ۋە ھەرىكەت يولغا قويالايدىغانلىقىنى تەۋسىيە قىلىپ: «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى پۈتۈنلەي ئامېرىكانىڭ قولىدا» دېدى.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىرېلاندىيە، ئالبانىيە، ياپونىيە، بىرازىلىيە، نورۋېگىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يىغىندىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى لىندا توماس گىرىنفىلىد 9 دۆلەتكە ۋاكالىتەن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ 2017  -  يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

شىمالىي كورېيەنىڭ 1  -  ئايدا 9 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالغان توماس گرىنفېلد، پيوڭياڭغا قارشى «بېسىمنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

بولۇپمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلەيدىغان بىرلەشمە باياناتقا قاتناشمىغان خىتاي بىلەن رۇسىيەنى بۇ مەسىلىدە بىردەكلىكنى ساقلاشقا چاقىرغان توماس گرىنفىلىد: «كېڭەشنىڭ داۋاملىشىۋاتقان جىمجىتلىقىنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدۇ؛ بۇ ئىش شىمالىي كورېيەنى خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ دوئېل ئېلان قىلىش جاسارىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلىشىنى نورماللاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يادرو پىلانى سەۋەبىدىن 2006  -  يىلىدىن بۇيان شىمالىي كورېيەگە ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جازا يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر