پۇتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى

2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان ۋلادىمىر پۇتىننىڭ، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1773734
پۇتىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەنھەرىكەت يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭغا يېتىپ بارغان پۇتىن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.

قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى رەھبەرلەرنىڭ تېلېۋىزوردا تارقىتىلغان كۆرۈشۈشىدە، پۇتىن خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەردىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە بىر-بىرىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتىن رۇسىيەنىڭ خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىشىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، موسكۋانىڭ بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە «تەڭدىشى يوق» دەپ باھا بەردى.

ئۇ: «ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى، دوستلۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك روھى نۇقتىسىدىن ھەقىقەتەن تەڭدىشى يوق. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، ئۆزئارا تەرەققىياتنى ئاسانلاشتۇرغان ۋە تەرەققىياتتا بىر-بىرىنى قوللاشقا ياردەمچى بولغان ياخشى مۇناسىۋەت ئۈلگىسىدۇر» دېدى.

شى جىنپىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن-شى كۆرۈشۈشىدىن بۇرۇن، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى كۆرۈشۈپ، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكياندا توقۇنۇشنى ئۇلغايتىشنى خالايدىغان «بلوك» نىڭ شەكىللىنىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 4-فېۋرالدىن 24-فېۋرالغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر