رەئىسى توكايېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى قازاقىستانلىق مەنسەپدىشى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشلىرىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
1772684
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران پىرېزىدېنتى رەئىسى بىلەن قازاقىستان پىرېزىدېنتى توكايېۋنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە قازاقىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئىران ئۈچۈن مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن رەئىسى، دۆلىتىنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «چەت ئەلنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى ئارىلىشىشى رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرىدۇ» دېدى.
توكايېۋمۇ ئىران بىلەن بولغان 30 يىللىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ كۆزلەنگەن سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئىقتىساد ۋە سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەئۇدى ئەرەبىستان 6 ئىران مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
سسەئۇدى ئەرەبىستان ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ 6 مۇخبىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.