ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يەمەندىكى خۇسىيلار ئاتقان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1770878
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يەمەندىكى خۇسىيلار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغان.

باياناتتا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى ۋە بۇ ھۇجۇم قىلىنغان يەمەندىكى رايوننىڭ ھاۋا ئارمىيەسى شۇنداقلا بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىتچىت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساج ھېرزوگنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زىيارىتى جەريانىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، ئادەم ئۆلۈش ياكى ماددىي زىيان كۆرۈلمىگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇسىيلار ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، بىرلەشمە ئارمىيە يەمەننىڭ جەۋف رايونىدا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىسىنى بىتچىت قىلغان.

يەمەندىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى يېقىندا تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىچكى قىسمىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر