خىتاي تونگادىكى يانار تاغ پارتلاشتا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 6 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تېنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى تونگادا يۈز بەرگەن يانار تاغ پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 6 گە يەتتى.

1766965
خىتاي تونگادىكى يانار تاغ پارتلاشتا قازا قىلغانلار سانىنىڭ 6 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خەلقئارا تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالاقىدار مەسئۇللار تونگادا 15-يانۋار يانار تاغ پارتىلاپ، ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنىدىن كېيىن يەنە 3 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن قازا قىلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ 6 گە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تىنچ ئوكياندا تەخمىنەن 170 ئارالدىن تەركىب تاپقان تونگا دۆلىتىنىڭ پايتەختى نۇكۇئالوفانىڭ شىمالىغا 65 كىلومىتىر كېلىدىغان يانار تاغ 15-يانۋاردا كۈل، پار ۋە گاز پۈركۈشكە باشلىغان ئىدى.

تونگا، يېڭى زېللاندىيە، ئامېرىكا، كانادا، چىلى ۋە ياپونىيەگە قارىتا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دېڭىز تاشقىنى تونگادىكى بارلىق ئاراللارغا دېگۈدەك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر