لىبېرىيەدىكى بىر چېركاۋدا قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ 29 ئادەم قازا قىلدى
غەربىي ئافرىقا دۆلىتى لىبېرىيەنىڭ پايتەختى مونروۋىيەدىكى بىر چېركاۋدا ئىبادەت ئەسناسىدا قىستاڭچىلىق يۈز بېرىپ كەم دېگەندە 29 ئادەم قازا قىلدى.
1765844
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىبېرىيە ئۇچۇر – ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دۆلەت رادىئوسىغا بايانات بايانات بېرىپ، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ئاممىغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى، ئىبادەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ قېچىشقا ئۇرۇنۇشى نەتىجىسىدە قىستاڭچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى، يېرىم كېچىدىكى مەزكۇر ۋەقەدە 29 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپيىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەقەدىن كېيىن پىچاقلىق بىر كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، ۋەقەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.