پۇتىن موسكۋادا رەئىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئەتە پايتەخت مۇسكۋادا ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىران يادرو كېلىشىمى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ.

1764516
پۇتىن موسكۋادا رەئىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ
ibrahim reisi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرىمېل يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن پىرېزىدېنت رەئىسىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، سودا ۋە ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئورتاق تۈرلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى، ئۇنىڭدىن باشقا كۈنتەرتىپتىكى رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر بىلەن ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ تەتبىقلىنىشى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى دەپ ئاتىلىۋاتقان ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ قايتىدىن تولۇق يولغا قويۇلۇشىنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان 8-نۆۋەتلىك سۆھبەت، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن 3 كۈن توختىتىلغاندىن كېيىن، 3-يانۋاردىن بۇيان ئۇدا داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر