ئىران رىياد - تېھران سۆھبەتلىرىنىڭ ئىراقتا داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەئىد خاتىبزادە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەرنىڭ ئىراقنىڭ ساھىبخانلىقىدا داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1760034
ئىران رىياد  - تېھران سۆھبەتلىرىنىڭ ئىراقتا داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى خاتىبزادە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەر ۋە يادرو مۇزاكىرىلىرى توغرىسىدا توختالدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا دۆلەت ھەيئەتلىرىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىگەن ئاساستا ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاۋسترىيەنى پايتەختى ۋىيېنناغا كەتكەنلىكىنى، 2015 – يىلى يادرو كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچرىشىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن خاتىبزادە، «ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقى كۈنتەرتىپتە. ئىراق بۇ سۆھبەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ ۋىيېننادا داۋام قىلىۋاتقان يادرو سۆھبەتلىرى توغرىسىدا بولسا: «ھەرقانداق سۈنئىي مۆھلەتنى قوبۇل قىلمايمىز ۋە سۆھبەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىدىنمۇ مەمنۇن ئەمەسمىز. قارشى تەرەپ 7 – باسقۇچتا نۇرغۇن ۋاقىتنى زايە قىلدى ۋە ئاخىرىدا ئىراننىڭ تەكلىپىرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر