ئامېرىكادا ئايروپىلان بىلەن پويىز سوقۇشۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق لوس ئانژېلىس شەھىرىدە ، بىر پويىز رېلىسقا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانغا سوقۇلۇپ كەتتى.

1759987
ئامېرىكادا ئايروپىلان بىلەن پويىز سوقۇشۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىسى ساقچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

لوس ئانژېلىسنىڭ پاكويما رايونىدىن كۆككە كۆتۈرۈلگەن ئايروپىلان قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پويىز يولىغا چۈشۈپ كەتتى.

لوس ئانژېلىس ساقچى ئىدارىسى (LAPD) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئايروپىلان كېلىۋاتقان پويىزغا سوقۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن. ئۇچقۇچىسى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە قۇتقۇزۇۋېلىنغان.

باياناتتا، ئۇچقۇچىنىڭ بەدىنىدە كېسىلگەن ۋە يارىلانغان ئەھۋاللارنىڭ بارلىقى، ئەمما ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، پويىزدىكىلەرنىڭ ھادىسىدە يارىلانماي ئامان قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر