ئىران: سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييارمىز

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1758686
ئىران: سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سپۇتنىكنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان، قاتار تاراتقۇلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، رىياد ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ ئىجابىي يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تەييارمىز، يېقىندا ئىراننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىگە قايتىدۇ، بۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىجابىي قەدەم ھېسابلىنىدۇ. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، رىياد ھۆكۈمىتى، رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، رايونلۇق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە ۋە مىسىر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ھەم مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز.»

ئۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش توغرۇلۇق قارار چىقارغان رايون دۆلەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «قوشنىلىرىمىزنى سىيونىست ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش قارارى چىقارماسلىق توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرىمىز.، چۈنكى بۇ ناھايىتى چوڭ ئىستىراتېگىيەلىك خاتالىق بولىدۇ، دەرۋەقە، بۇ خاتالىقنىڭ بەدىلىنى تۇنجى بولۇپ تۆلەيدىغانلارمۇ ئۆزلىرى بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر