پاكىستان پىرېزىدېنتى «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى

پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئالۋى ئىككىنچى قېتىم «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.

1758850
پاكىستان پىرېزىدېنتى «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئالۋى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىككىنچى قېتىم «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە پاكىستان خەلقىدىن «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ، 2021 – يىلى 29 – مارت كۈنىمۇ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانىدى.

00



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر