يەمەندە خۇسىيلار ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئەسكەر قازا قىلدى

يەمەننىڭ شەبۋە ۋىلايىتىگە خۇسىيلار تەرىپىدىن قىلىنغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمدا 12 يەمەن ئەسكىرى قازا قىلدى ۋە نۇرغۇن ئەسكەر يارىلاندى.

1758010
يەمەندە خۇسىيلار ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمدا نۇرغۇن ئەسكەر قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەبۋەگە قاراشلىق ئاسىلان ناھىيەسنىڭ بىر ئەمەلدارى يەمەن ئارمىيە قوماندانلىرى بىلەن ئۆيىدە يىغىن ئېچىۋاتقان پەيتتە، خۇسىيلارنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ھۇجۇمدا يىغىننىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاۋاتقان ئەسكەرلەردىن 12 سى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئەمما قوماندانلاردىن ھېچ بىرى زىيان زەخمەتكە ئۇچرىمىدى.

نە يەمەن ھۆكۈمىتى ياكى خۇسىيلار بۇ ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەتكە قاراشلىق قىسىملار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

خۇسىيلار 2014-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ پايتەخت سانا ۋە بىر قىسىم رايونلارنى كونتروللۇقى ئاستىغا كىرگۈزىۋالغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملار 2015-يىلى 3-ئايدىن بېرى خۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر