شىمالىي كورېيە ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى

شىمالىي كورېيە تۈنۈگۈن «يېڭى تىپتىكى ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبا» سىنىقى ئېلىپ باردى.

1758091
شىمالىي كورېيە ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاخبارات ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ خەۋىرىدە، تۈنۈگۈن ئەتىگەندە سىناق قىلىنغان ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «يۇقىرى سۈرئەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىنىشىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى زوردۇر، دەرۋەقە، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر شىمالىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇلۇشىنى تېزلەشتۈرمەكتە.»

ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىشچىلار پارتىيەسى (WPK) گە يېقىن دۆلەت گېزىتى «رودوڭ سىنمون»، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان پەيتتىكى فوتو سۈرەتلەرنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، ئىشچىلار پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەزكۇر سىناقلارنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورېيە باش ئىشتاب باشقارمىسى، تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 08:10 دە شىمالىي كورېيەنىڭ جاگاڭ رايونىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر