ھىندىستاندا زەھەرلىك گاز چىقىپ كېتىپ 6 كىشى قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ گۇجرات ئۆلكىسىدە  يۈزبەرگەن بىر ماي ئاپتوموبىلىدىن زەھەرلىك گاز چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدە 6 كىشى قازا قىلدى.

1758232
ھىندىستاندا زەھەرلىك گاز چىقىپ كېتىپ 6 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى مەسئۇلى ماھېش پاتەل گۇجرات ئۆلكىسىدىكى سۇرات شەھىرىگە قاراشلىق سانائەت مۇئەسسىسەسىدە بىر ماي ئاپتوموبىلىدىن زەھەرلىك گاز چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پاتەل گازنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 6 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 25 كىشىنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ماي ئاپتوموبىلى شوپۇرى ئاپتوموبىلدىن قالدۇق خىمىيەلىك تاشلاندۇقلارنى بوشىتىۋاتقان پەيتتە زەھەرلىك گاز چىقىپ كەتكەن. شۇ جەرياندا، سانائەت مۇئەسسىسەسىدە ئۇخلاۋاتقان ئىشچىلار گازنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر