ب د ت يەمەندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پىروگراممىلىرىنى توختاتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پىروگراممىلىرىنىڭ مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن توختىتىلغانلىقىنى ياكى چەكلىك ھالغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1757233
ب د ت يەمەندىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پىروگراممىلىرىنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندىكى ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، «مەبلەغ يېتىشمەسلىكى يەمەندىكى ياردەم ئورگانلىرىنى يېمەكلىك، ئوزۇقلۇق، تازىلىق ۋە سۇ قاتارلىق مۇھىم پىروگراممىلارنى ئازايىىش ياكى ۋاقتىنچە توختىتىشقا قىستىماقتا»  دېيىلدى.

باياناتتا، «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغان ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن جىددىي مەبلەغكە ئېھتىياج بار » دېگەنلەر قەيت قىلىندى.

يەمەندە ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ئەۋج ئالغان بولۇپ، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش 7 يىلدىن بېرى داۋاملاشماقتا.

يەمەندە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئىقتىساد نۇقتىسىدىن ئەڭ چوڭ كىرىزىس يۈز بەرمەكتە.

 ب د ت نىڭ دوكلاتىغا ئاساسانغاندا، يەمەندە 30 مىليون نوپۇس ئىچىدە 24 مىليون كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج.


خەتكۈچ: #ب د ت , #يەمەن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر