بىرازىلىيەدە 166 شەھەر كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى

بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان باھىيا (Bahia) ئىشتاتىدا شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كەلكۈندە زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 700 مىڭدىن ئاشتى.

1756702
بىرازىلىيەدە 166 شەھەر كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان باھىيا ئىشتاتىدا شىددەتلىك ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كەلكۈندە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 26 گە، ھەر خىل زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 715 مىڭغا يەتتى.

باھىيا ئىشتاتىنىڭ يەرلىك گېزىتىدە كەلكۈن توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باھىيانىڭ جەنۇبىدىكى بېلو كامپو شەھىرىدە يەنە، بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، رايوندا نويابىر (2021) ئېيىدىن بۇيان توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 26 گە چىققانلىقى، 518 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، كەلكۈندە جەمئىي 30 مىڭ 915 كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان، 62 مىڭ 731 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلغان ۋە ھەر خىل زىيانغا ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 715 مىڭ 634 كە يەتكەن.

نوپۇسى 15 مىليوندىن ئاشىدىغان باھىيا ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن كەلكۈننىڭ تەسىرىگە 166 شەھەرنىڭ ئۇچرىغان بولۇپ، 154 شەھەردە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان.

بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى بولسونارو 1-يانۋار (2022) كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلار ئۈچۈن تەخمىنەن 125.6 مىليون دوللار قىممىتىدە ياردەم تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان باھىيا ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدا، ئىككى ھەپتىدىن بۇيان توختىماي ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپەتلىرىدە 37 شەھەرنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر