بېلگىيەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 4 كىشى قازا قىلدى
بېلگىيەنىڭ گوللاندىيە چېگراسىغا يېقىن تۇرنخۇت كەنتىدە جۈمە كۈنى ئەتىگەندە بىر تۇرالغۇدا تەبىئىي گاز پارتىلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 4 كىشى قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇرنخۇت كەنت باشلىقى پائۇل ۋان مېرت پارتلاش سەۋەبىدىن تاملىرى ۋەيران بولغان بىنانىڭ قالدۇقلىرى ئاستىدىن ئىزدەپ - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە 4 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىلگىرى تېپىلمىغان 8 كىشىدىن بەزىلىرىنىڭ بولسا، پارتىلاش يۈز بەرگەندە ئۆيىدە يوقلىقى ئېنىقلاندى. دائىرىلەر قالدۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى.
پارتىلاشتا خارابىلىكنىڭ ئاستىدا قالغان بىر ئايالنىڭ ساق - سالامەت قۇتقۇزىۋىلىنغانلىقى ۋە يارىلانغان بىر كىشىنىڭ بالنستقا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
تۇرنخۇت كەنتىدە جۈمە كۈنى ئەتىگەندە بىر ئىجتىمائىي تۇرالغۇدا تەبىئىي گاز ئېقىپ كېتىش سەۋەبىدىن پارتلاش يۈز بەرگەن ئىدى.
4 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە يۈز بەرگەن پارتىلاشتا، ئىككى قەۋەتنىڭ تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىدى.