پەلەستىنلىك تىركىشىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى تاماملاندى

غەززە رايونىدىكى پەلەستىنلىك تىركىشىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ رەفاھ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى تاماملاندى.

1754516
پەلەستىنلىك تىركىشىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى تاماملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «قاتتىق بۇلۇڭ -2» ناملىق  بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر، فەتىھ ھەرىكىتى سىرتىدىكى باشقا پەلەستىنلىك تىركىشىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھەربىي قاناتلىرىغا قاراشلىق «ئورتاق قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرى بىرلەشمىسى» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلدى.

ئورتاق قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرى بىرلەشمىسىنىڭ قوماندانلىرىدىن ئەھمەد نەۋفەل، ھەربىي تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ھەر خىل قىيىن ئۆتكەل ۋە تەھدىتلەرگە قارشى تەييار ھالەتتە تۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مانېۋىرنىڭ، قارشىلىق كۆرسىتىش پىكرىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ۋە پەلەستىنلىك تىركىشىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى، غەززە چېگراسىدىكى تاملارنىڭمۇ ئىسرائىلىيەنى قوغدىيالمايدىغانلىقىنى، تىركىشىش كۈچلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم سۆز ساھبى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

غەززەدە 26 – دېكابىر يەكشەنبە كۈنى باشلانغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ دەسلەپكىسى 2020 – يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر