ھىندونېزىيە ئاراكانلىق مۇساپىرلارنىڭ تەۋەلىكىگە قەدەم بېسىشىغا رۇخسەت قىلدى

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى 120 ئاراكانلىق مۇسۇلمان مۇساپىر ئولتۇرغان كېمىنىڭ قىرغاققا يېقىنلىشىپ، دۆلەت تۇپراقلىرىغا قەدەم بېسىشىغا رۇخسەت قىلدى.

1754734
ھىندونېزىيە ئاراكانلىق مۇساپىرلارنىڭ تەۋەلىكىگە قەدەم بېسىشىغا رۇخسەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىلىرىگە مەسئۇل ئەمەلدارى سىلاھلى ۋىجايا بايانات بېرىپ، بىرېئۇئېن بازىرى دېڭىز تەۋەلىكىدىكى مۇساپىرلار ئولتۇرغان كېمىنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك» قىلىپ قۇرۇقلۇققا يېقىنلىشىشى ۋە مۇساپىرلارنىڭ دۆلەت تۇپراقلىرىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دائىرىلەر بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، مەزكۇر مۇساپىرلار كېمىسىنى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى، 120 ئاراكانلىق مۇسۇلمان مۇساپىر ئولتۇرغان كېمىگە سۇ چىقىپ كېتىشكە باشلىغانلىقىنى، ماتورىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى، كېمىنىڭ غەرق بولۇپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى مۇساپىرلارنى كېمىدىن بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇشقا چاقىرغانىدى.

ئاراكانلىق مۇسۇلمان مۇساپىرلار كېمىسىنىڭ 26 – دېكابىردا ئاچە شەھىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆرۈلگەنلىكىنى، بۇزۇلغان ياغاچ كېمىدە 60 ئايال، 51 بالا ۋە 9 ئەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈلگەنىدى.

مالايسىيا كېتىش ئۈچۈن يولغا چىققان 28 كۈندىن بۇيان دېڭىزدا ئايلىنىپ يۈرۈۋاتقان ئاراكانلىق مۇساپىرلارنى رايوندىكى بېلىقچىلارنىڭ سۇ، يېمەكلىك ۋە كىيىم - كېچەك بىلەن تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر