ھىندونېزىيە ئاراكانلىق مۇساپىرلارنى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ھىندونېزىيە 120 روھىنگالىق مۇساپىر ئولتۇرغان كېمىنى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1754326
ھىندونېزىيە ئاراكانلىق مۇساپىرلارنى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى، 120 روھىنگالىق مۇساپىر ئولتۇرغان كېمىگە سۇ چىقىپ كېتىشكە باشلىغانلىقىنى، ماتورىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى، كېمىنىڭ غەرق بولۇپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

ب د ت مۇساپىرلار  ئالىي كومىسسارلىقى، كېمىدىكى مۇساپىرلارنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى مۇساپىرلارنى كېمىدىن بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

ھىندونېزىيە دائىرىلىرى، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ چاقىرىقىغا قارىماي، 120 روھىنگالىق مۇساپىرنى ئېلىپ ماڭغان كېمىنى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر كېمىنىڭ 26 – دېكابىردا ئاچە شەھىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بېلىقچى بەدرۇددىن يۇنۇس، بۇزۇلغان ياغاچ كېمىدە 60 ئايال، 51 بالا ۋە 9 ئەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

رايوندىكى بېلىقچىلارنىڭ مۇساپىرلارنى سۇ، يېمەكلىك ۋە كىيىم - كېچەك بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بايان قىلغان يۇنۇس، روھىنگىيالىقلارنىڭ مالايسىياغا بارماقچى ئىكەنلىكىنى، كېمىنىڭ 28 كۈندىن بۇيان دېڭىزدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاچى رايونلۇق ساقچى باياناتچىسى ۋىنادري، دائىرىلەرنىڭ كېمىنى ھىندونېزىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن چىقىرىۋېتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بىز ئۇلارنىڭ كېمىسىنى رېمونت قىلىپ، يېقىلغۇ تولۇقلاپ بەرگەندىن كېيىن مالايسىياغا يۈرۈش قىلىشىنى نازارەت قىلىمىز، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر